Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
Delivery Select Region

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى

ORDER WITH WHATSAPP
Fast Shipping
Secure shopping
ئۇيغۇرچە تۇنجى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى كىتابى نەشىردىن چىقتى
 
(ئەسكەرتىش: بۇ يازما ۋە كىتاب ئۇچۇر مەزكۇر كىتابنىڭ يازغۇچىسى مەۋلان تەڭرىقۇتنىڭ رۇخسىتى بىلەن ۋاكالىتەن چىقىرىلدى)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەممىڭلارنىڭ ھەممە ۋاقتىڭلار خەيىرلىك بولغاي. يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. يېڭى يىلدا ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن يىلغا قارىغاندا مەنىلىك ۋە ئۇتۇقلۇق بولۇشنى تىلەيمەن.
بەش يىللىق ئەمگىكىمنىڭ نەتىجىسى بولغان خەلقئارا مۇناۋسىۋەتلەر نەزەرىيەسى كىتابىم تۈركىيەنىڭ Grafiker نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. كىتاب ھازىر ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان كىتابخانىسىدا.
بـۇ كىتابنـى يېزىشـىمدىكى سەۋەب:
1) سىياسـەت ۋە خەلقئـارا مۇناســىۋەت كەسپىدە ئوقۇغان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىياسەت پەلسەپەسـى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەســىگە بولغــان كۈچلــۈك قىززىقىشــىم؛
2) خەلقئــارا مۇناســىۋەت نەزەرىيەســى ساھەسـىدە ئۇيغۇرچـە كىتابنىـڭ بولماسـلىقى. ئۇشبۇ ئەھۋال بۇ كەسىپتە ئوقۇغان ئۇيغۇرلارنىمۇ باشتا بۇ كەسىپكە رەسمىي كىرىشىپ بولغۇچە خېلى قىينايدىغانلىقىنى ۋە باشقا مىللەتتىن بولغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ كىتاب ئوقۇشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىم؛
3) ئارىمىـزدا خەلقئـارا مۇناسـىۋەت مەسـىلىلىرىنىڭ بـۇ ئىلىمنىـڭ ئۇقۇملىـرى، نەزەرىيەلىـرى ۋە مېتودلىرىدىن يىراق بىر شەكىلدە تەھلىل قىلىنىدىغان ئەھۋالنىڭ نىسبەتەن ئېغىرلىقى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ بۇ ساھە بىلەن مۇناسىۋەتسـىز كىشــىلەر تەرىپىدىــن ئانالىــز قىلىشــقا جۈرئــەت قىلىنىشــى قاتارلىقلار.
مانا بۇ جەھەتلەردە ئۇيغۇر ئىلىم دۇنياسىغا ئازراق پايدا ئېلىپ كېلەلىسە مەزكۇر كىتابنىڭ مۇرادى ھاسىل بولىدۇ.
كىتابتا خەلقئارا مۇناسىۋەت ساھەسى ئايرىم ئاكادېمىك ئىلىم بولۇپ شەكىللەنگەن 1920 -يىلىدىن تا ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت نەزەرىيەلىرىنىڭ ھەممىسى يېزىشقا تىرىشتىم. مەسىلەن رېئالىزم، لىبېرالىزم، ئىنگلىز ئېقىمى، بەرپاچلىق نەزەرىيەسى ۋە ماركسىزم قاتارلىق چوڭ نەزەرىيەلەر ۋە بۇلارغا قارشى ياكى تولۇقلىما ئىكەنلىكىنى ئىددا قىلغان فېمىنىزم، پوست كولونىيال نەزەرىيەلەر شۇنداقلا غەرب مەركەزلىك بولمىغان خەلقئارا مۇناسىۋەت نەزەرىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي ۋە ئىسلام خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نەزەرىيەسى قاتارلىقلار بار.
نەزەرىيە ھەرگىز قۇرۇق گەپ ياكى چۈشىنىش قىيىن بولغان نەرسە ئەمەس. ئۇ ئەمەلىيەتتە رېئاللىق بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار، قىززىقارلىق ۋە مەنلىك تەپەككۇر قىلىش يولىدىن ئىبارەت. نەزەرىيە بىزنى مەسىلە ئانالىزىدا نېمىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى، نېمىگە مەركەزلىشىش كېرەكلىكى ھەققىدە توغرا رامكا بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەنمۇ كىتابنى بۇ خىل شەكىلدە، يەنى ئوقۇرمەننىڭ ئىچىنى پۇشۇرمايدىغان، ئاكادېمىك ۋە ئىلمىي شەكىلدە يېزىشقا تىرىشتىم.
كىتاب قانداق يېزىلدى، يەنە بۇ يەردە دېيىلمىگەن نېمىلەر بارلىقى ھەققىدە تۆۋەندىكى كىتابنىڭ كىرىش سۆز ۋە مۇندەرىجىسىگە قاراڭ. ئاخىرىدا كىتابنىڭ يېزىلىشى ئۈچۈن مېنى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن ۋە پىكىر بەرگەن ئوقۇتقۇچىلىرىمغا؛ كىتابنىڭ تەھرىرلىك، بەتچىلىك ئىشلىرىدا زور كۈچ چىقارغان ئېسىل ئىنسانلارغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.
يېڭى يىلىڭلارغا يەنە بىر قېتىم مۇبارەك بولسۇن.
Writerمەۋلان تەڭرىقۇت
Number of pages320
Language of the BookUyghur
ColorPale
Size- 16 Cutting
CoverHard
Publication Year2024
PublisherGrafiker
How can we help you?
Son Gezilenler
Loading...