Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
Delivery Select Region

بالىلارنىڭ ئەقىدە توغرىسىدىكى سوئاللىرى ۋە جاۋابلىرى

بالىلارنىڭ ئەقىدە توغرىسىدىكى سوئاللىرى ۋە جاۋابلىرى

ORDER WITH WHATSAPP
Fast Shipping
Secure shopping
مۇقەددىمە
ئەقىدە − ئىنساننىڭ كىملىكىنى، قىممەت قارىشىنى، ھايات خەرىتىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ساغلام ئەقىدىگە ئىگە بولمىغان بالىلار كىملىكىنى، قىممىتىنى ۋە ھايات خەرىتىسىنى يوقىتىپ، ھەر خىل خاتا ئىدىيەلەر ئارىسىدا ئېزىپ قالىدۇ.
بالىلارنىڭ ئەقىدىسى ساغلام بولسا، دىنى ساغلام بولىدۇ؛ دىنى ساغلام بولسا، ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ساغلام بولىدۇ ۋە دۇنيا - ئاخىرەتنىڭ بەخت - سائادەت يولىغا قەدەم قويالايدۇ.
ئەقىدە − ياراتقۇچى ئاللاھ، ئىنسان، دۇنيا ۋە ھاياتلىق ھەققىدىكى ئىسلامنىڭ بىر پۈتۈن تەسەۋۋۇرى دېمەكتۇر.
ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرى: ئاللاھقا، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە ۋە تەقدىرنىڭ ياخشى - يامىنىغا ئىشىنىش دېمەكتۇر. ئىماننىڭ بۇ ئاساسلىرى پۈتۈن بىر گەۋدە بولۇپ، پارچىلىنىشنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ ئاساسلارنىڭ بەزىسىگە ئىشىنىپ، بەزىسىگە ئىشەنمەسلىك كۇپۇرلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندىكىدەك بالىلارنىڭ ئەقىدىسى ھەر خىل تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان، ئىدىيەۋى جەھەتتىن ئازدۇرۇلۇۋاتقان، ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇزۇلۇۋاتقان، كىملىكى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان بىر زاماندا بالىلارغا ئەقىدىنى ساغلام ۋە جانلىق شەكىلدە ئۆگىتىش ئىنتايىن مۇھىم. بالىلارنىڭ ئەقىدىسىنىڭ ساغلام، ئىدىيەسىنىڭ توغرا، ئەخلاقىنىڭ دۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن ئەقىدە مەسىلىسىنى بالىلارغا سوئال - جاۋاب شەكلىدە، دەۋرگە ئۇيغۇن، ئاددىي تىل بىلەن، چۈشىنىشلىك قىلىپ، قانائەتلىنەرلىك چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
كۆپلىگەن ئاتا - ئانىلار ئىسلام ئەقىدىسىنى ئىلمىي شەكىلدە بىلمەيدۇ، زىيالىيلارمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە دىنىي چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس. كۆپلىگەن ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئەقىدىسىنى ئىلمىي ئاساستا شەكىللەندۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، بالىلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ ئەقىدە مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىت ئاجراتمايدۇ.
ئاتا - ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار، دەۋەتچىلەر ۋە زىيالىيلار باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بالىلىرىنىڭ ئەقىدە توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا ئاسان تىل بىلەن قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمىگەندە، بالىلارنىڭ ئەقىدە توغرىسىدىكى ھەيرانلىقى كۈچىيىدۇ، توغرا يول تاپالماي گاڭگىراپ قالىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە خاتا چۈشەنچە، خاتا ئىدىيە ۋە ناچار ئىستىللارنى ئۆزلەشتۈرۈۋالىدۇ.
بالىلار ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە بىلگۈسى كېلىپ ئەقىدە توغرىسىدا ئادەمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان ھەر خىل سوئاللارنى سوراشقا باشلايدۇ. بالىلارنىڭ ئەقىدە توغرىسىدىكى ھەر تۈرلۈك سوئاللارنى سورىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان، خۇشاللىق بىلەن جاۋاب بېرىدىغان، ئۇلار بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتالىغان ۋە دىيالوگ مۇناسىۋىتى قۇرالىغان ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئەقىدە روھىنى سىڭدۈرەلەيدۇ.
ئەمما، بالىلارنىڭ ئەقىدە توغرىسىدا سوئال سورىشىغا قارشى تۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا خاپا بولۇپ جاۋاب بەرمەيدىغان ئاتا - ئانىلار ياكى ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئەقىدە توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا ئاتا - ئانىسىدىن جاۋاب تاپالمىغان بالىلار باشقىلاردىن جاۋاب ئىزدەشكە باشلايدۇ. بۇ جەرياندا يامان دوستقا ئۇچراپ قالسا، ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ؛ تور دۇنياسىدىن جاۋاب ئىزدىسە، خاتا جاۋابلارغا ئۇچراپ قالىدۇ.
دېمەك، ئەقىدە تەربىيەسى بالىلار تەربىيەسىنىڭ ئاساسىدۇر. بۇ − بالىلارنىڭ ساغلام دۇنيا قارىشىنى، روھىي خاتىرجەملىكىنى ۋە پىسخىكا ئامانلىقىنى شەكىللەندۈرۈشتە ھەربىر ئاتا - ئانىنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيىتى ھېسابلىنىدۇ.
مۆھتەرەم كىتابخان! قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىنى ساغلام چۈشىنىشىگە ياردەمچى بولغۇسى، دىندىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خاتا ئېقىملاردىن ھىمايە قىلغۇسى!
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
 
WriterAbd al-Rahman Jamal al-Kashgari
Number of pages195
Size- 32 Cuts
Coversoft
Publication Year2025
PublisherKashgari Science and Research Center
How can we help you?
Son Gezilenler
Loading...