Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
Delivery Select Region

Encyclopedia of Uyghur Names

Encyclopedia of Uyghur Names

ORDER WITH WHATSAPP
Fast Shipping
Secure shopping
مەلۇم بىر ئىسىمنىڭ ئاڭلىنىشى ۋە يېزىقتا ئىپادىلىنىشى شۇ ئىسىمنىڭ جىسمى ھېسابلانسا ، مەنىسى ئۇنىڭ جېنىدۇر مەنىسى بولمىغان ئىسىم ماھىيەتتە جانسىز ئىسىمدۇر . مەنىسى ياخشى بولمىغان ئىسىممۇ نېمەجان ئىسمىدۇر.
ئاتا ئانىنىڭ پەرزەنتى ئالدىدا تۆت تۈرلۈك مەجبۇرىيىتى بولىدۇ . بىرىنچى ياخشى ئىسىم قويۇش ، ئىككىنچى تۆت ياشتىن باشلاپ ئېغىزىغا ئىلىم سېلىش ، ئۈچىنچى بالاغەتكە يەتكەندە تۇرمۇشلۇق قىلىش ، تۆتىنچى تىرىكچىلىك يولىنى كۆرسىتىپ بېرىش .
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى - ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ، ئۇ ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئېنسىكلوپېدىيەسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىلى ، مەدەنىيىتى ، دىننىي ئېتىقادى ، تارىخى ، ئۆرپ ئادىتى ، گۈزەللىك ۋە ئەخلاق قارىشى ، پىسخىكىسى شۇنىڭدەك جۇغراپىيىلىك مۇھىتى قاتارلىقلارنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ . ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى توغرىسىدا چوڭقۇر مەلۇماتقا ئىگە بولغاندا ، ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشەنگىلى ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ . ئۇنىڭ مەزمۇنى ۋە تەرەققىياتىغا ئىنتايىن مول مەدەنىيەت ئەندىزىلىرى سىڭگەن . ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاڭ ۋە پەزىلىتى قاتارلىق مەنىۋى ئامىللارنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ ، پەرزەنتلىرىگە مەنىلىك ، گۈزەل ۋە نادىر ئىسىملارنى تاللاپ قويۇش ۋە ئۇنى توغرا قوللىنىش مەلۇم بىر مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۇپ بىر مەلۇم بىر ئائىلىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
چۈنكى ئىسىم قويۇش بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى مۇھىم باسقۇچ ، شۇنداقلا ئۆمۈرلۈك چوڭ ئىشنىڭ تۇنجى قەدىمى ، بۇنى ھېس قىلغان ئاتا ئانىلارنىڭ كۆپچىلىكى بالا ئانىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن باشلاپلا ئىسىم تاللاشقا كىرىشىدۇ ، بوۋاق ئېڭەلەپ يەرگە چۈشكەندە بولسا ، نۇرغۇنلىغان خۇشاللىق ۋە ئۈمىدلەر شۇنىڭغا ئەگىشىپ بارلىققا كېلىدۇ ، ھەمدە پەرزەنتىنىڭ ئىسمىغا مەركەزلىشىدۇ ، ئىسىملارغا ئايرىم قارىغاندا ، ئۇ بەك ئاددىيدەك كۆرۈنىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، مەلۇم بىر ئاتا ئانىنىڭ ياكى ئاىلىنىڭ مەدەنىيەت قارىشىنى ۋە پىسخىك ھېسسىياتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ ، شۇڭا ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىن ئۆتمۈشتىكى ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆزگىچىلىكىنى ۋە مىللەتنىڭ پىسخىكىسىنى بايقىۋالغىلى بولىدۇ .
 

WriterMuttalib Siddiq Kahir
Number of pages891
Language of the BookUyghur
Size- 16 Cutting
Publication Year2010
Publisherشىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى
How can we help you?
Son Gezilenler
Loading...