Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ Free shipping within Turkey for book buyers over 3,000 liras كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
Delivery Select Region

سابىت داموللام ئەسەرلىرى _(1)

سابىت داموللام ئەسەرلىرى _(1)

ORDER WITH WHATSAPP
Fast Shipping
Secure shopping
ئۆلىمالىرىمىز مىللىتىمىزنىڭ بۈيۈكلىرىدۇر. بۈيۈكلىرىمىزنىڭ ئىزىدىن ماڭالايدىغان ئىزباسارلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى، بۈيۈكلىرىمىزنىڭ ھاياتىنى ۋە ئەسەرلىرىنى قانچىلىك دەرىجىدە تونۇغانلىقىمىز ۋە تونۇتقانلىقىمىزغا باغلىقتۇر.
1931 – يىلى ئەتىيازدا ھەج سەپىرىگە ئاتلانغان بۈيۈك ئالىم، دۆلەت ئاتىسى سابىت داموللام بۇ سەپىرى جەرياندا رۇسىيە، تۈركىيە، ھىجاز، مىسىر ۋە ھىندىستان قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ دۇنيا ۋەزىيىتىنى كۆزەتكەن. ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەسرەتلەنگەن. جايلاردىكى ئىسلاھاتچى ئۆلىمالار ۋە مۇتەپەككۇرلار بىلەن بۇ تېمىلاردا مۇزاكىرىلەشكەن. جۈملىدىن مىسىردا مەشھۇر ئىسلاھاتچى ئۆلىما رەشىد رىزا بىلەن بىرقانچە مەجلىسلەردە بىللە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرغان. 1932 – يىلى ئاخىرى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. ھەج سەپىرىدە ئەقىدە توغرىسىدا «ئاقائ‍ىدى جەۋھەرىييە» ۋە «بايانى سۈننە» رىسالىلىرىنى تۈزۈپ، «ئىچكەنگە تۈگىمەيدىغان، يېگەنگە خورىمايدىغان جانلىرىغا غىزا، دىللىرىغا شىپا بىر تۈرلۈك خورما – زەمزەم» سۈپىتىدە خەلقىمىزگە تەقدىم قىلغان.
    بۇ مەجمۇئەدە داموللامنىڭ ھەج سەپىرىدە تۈزۈپ چىقىپ، خەلقىمىزگە ئارمىغان قىلغان ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسى توغرىسىدىكى ئىككى پارچە رىسالىسى بېرىلدى.
ئەقىدە ئىلمىنى تەھسىل قىلىشتا زۆرۈر بولغىنى ئالدى بىلەن ئەقىدە مەسىلىلىرى ئىچىدىكى چوڭ ۋە ئاساسىي مەسىلىلەرنى پۇختا ئىگىلەش، ئاندىن تارماق مەسىلىلەرنى ۋە تەپسىلاتلارنى تەھسىل قىلماقتۇر. ئىسلام ئەقىدىلىرى — ئىلاھىيەت، نۇبۇۋۋەت ۋە سەمئىييات (غەيبىي ئىشلارغا دائىر بايانلار) توغرىسىدىكى بۈيۈك ھەقىقەتلەرنىڭ مۇجەسسىمىدىن ئىبارەت. ئەنە شۇ بۈيۈك ھەقىقەتلەرنىڭ دىلىمىزدىن ئورۇن ئېلىپ، تىلىمىزدا ھەردائىم جارى بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئىخچام شەكىلدىكى مەتن – رىسالىلەر ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. داموللامنىڭ قەلىمىدە پۈتكەن مەزكۇر ئىككى رىسالىنىڭ بىرى سوئال – جاۋاب ئۇسلۇبىدىكى مەتن بولسا، يەنە بىرى ئىسلام دۇنياسىدىكى مەشھۇر بىر مەتنىنىڭ شەرھىدۇر.
ئاقائىدى جەۋھەرىيە: ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسى ھەققىدە زۆرۈر جەۋاھىراتلار ئىنتايىن ئەپچىللىك بىلەن تىزىلغان، جەمئىي 53 سوئال – جاۋابتىن تەركىب تاپقان ئىخچام رىسالىدۇر. تىلى يەڭگىل، مەزمۇنى مول، ئۇسلۇبى شېرىن ئۇشبۇ رىسالىدە داموللامنىڭ  ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئىستىداتى تەڭ گەۋدىلەنگەن.
بايانى سۈننە: ئىمام تەھاۋىي تەرىپىدىن تەئلىف قىلىنغان،  ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىنىڭ ئىخچام بايانى بولغان «ئەقىيدەتى تەھاۋىيە» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ تەرجىمە ۋە شەرھىسىدۇر. داموللام بۇ مەشھۇر ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ چىققان بولۇپ، تەرجىمىسىدە رىسالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى يورۇتۇشنى مەقسەت قىلغان. شۇڭا رىسالە تەرجىمىسى ئەڭ ئاخىرىدا قىسقىچە بىر شەرھى بولۇپ پۈتۈپ چىققان. داموللام ئۇشبۇ شەرھنى «بايانى سۈننە» دەپ ئاتاپ، بېشىغا مۇقەددىمە، ئاخىرىغا خاتىمە ئىلاۋە قىلغان.
ئۇشبۇ ئىككى رىسالىسىنىڭ تېمىسى زىل، ئىبارىلىرى ئىنچىكە ۋە ئەھمىيىتى زور بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارنى پۇختا ئىگىلەش رىسالە مەزمۇنىنى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. شۇڭا رىسالىلەرنى ئوقۇش جەريانىدا ئاتالغۇلارغا پات – پات كۆز يۈگۈرتۈشتە پايدا بار. بۇ ۋەجىدىن، مەتنىدە ياكى ھاشىيەدە كەلگەن ئاتالغۇلار ۋە پىرقىلەرنىڭ ئىزاھاتى توپلام ئاخىرىغا بېرىلدى...

«بۈيۈكلىرىمىز» نامىدىكى بۇ بىر يۈرۈش مەجمۇئە بۈيۈكلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى جەملەپ نەشىرگە تەييارلاش مەقسەت قىلىنغان پېروجە بولۇپ، ھازىرغىچە «ئابدۇقادىر داموللام ئەسەرلىرى (1)»  ۋە «سابىت داموللام ئەسەرلىرى (1)» نەشىردىن چىقتى.
پات ئارىدا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بىر قىسىم ماقالىلىرى ۋە شېئىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئابدۇقادىر داموللام ئەسەرلىرى (2)» ۋە سابىت داموللامنىڭ تەپسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «سابىت داموللام ئەسەرلىرى (2)» ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ئىككى بۈيۈكىمىزنىڭ باشقا ئەسەرلىرىمۇ تەرتىپ بىلەن تەييارلىنىدۇ.
WriterFixed Damulam
Number of pages300
Language of the BookArabic , Uyghur , Chagatai
ColorPale
Size- 32 Cuts
Species1
CoverHard
Publication Year2024
How can we help you?
Son Gezilenler
Loading...