ئەنزەر ئارقا- ئارقىدىن قان ياندۇردى. ئابدۇسەمەت ئاكىسىنىڭ ئاغزىنى چايقاپ بولۇپ يەنىلا يېنىدا ئۇنى قۇچاقلاپ ئولتۇردى. «سانتانا» سۈرئىتىنى تېزلىتىپ غۇلجىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
— ئاكا، چىڭسىخوزىدىن غۇلجىغا قايرىلدۇق، — ئاكىسىنىڭ بىر خىلدا خىرقىراپ قالغىنىدىن قورقۇپ قالغان ئابدۇسەمەت قەستەن ئۈنىنى كۆتۈرۈپ دېدى،— قارىغىنا، غۇلجىغا كىردۇق.
— بېشىمنى... يۆلە... زەئىپ ئىڭرىدى ئەنزەر ھەم نۇرى ئۆچۈۋانقان كۆزلىرىنى سىرتقا تىكتى،— ئاھ، مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇم غۇلجا... بوستان غۇلجا... جەننىتىم غۇلجا...
ئەنزەر ئىنىسىنىڭ قۇچىقىغا باش قويغىنىچە جىمىپ كەتتى. بىر چاغدىلا نېمىلەرنىدۇر دەپ پىچىرلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئابدۇسەمەت قۇلىقىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا يېقىن ئەكەلدى- دە، مۇنۇ سۆزلەرنى ئارانلا ئاڭقىرالىدى:
_ گۈلبانۇم:«بىر كۈنلەردە مېنىڭ قېشىمغا قايتىپ كېلىسىز» دېگەنىدى، مېنى ئۇنىڭ قېشىغا قويۇڭلار...
_ ئاكا،—!!! ئابدۇسەمەت ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى.
ماشننا ئۇچقاندەك چاپماقتا... بايانداينىڭ بۈك قارىياغاچلىق يوللىرىدىن ئۇزاپ شەھەر بوسۇغىسىغا كىرىپ كەلگەندە ئەنزەر ئىنىسى ئابدۇسەمەتنىڭ نالە - زارىنى ئاڭلىمىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ روھى گۈلبانۇم تامان ئۇچۇپ كەتكەنىدى...