بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۇلار ياراتقان پارلاق مەدەنىيەتنىڭ ۋە ئۇلۇغۋار ئەنئەنىنىڭ ئىزچىل داۋاملاشىشى تىلدىن ئىبارەت قورالغا باغلىق. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ تىلى يوقالسا ، شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىمۇ ۋە مەدەنىيىتىمۇ يوقىلىدۇ ، شۇڭا خەلقنىڭ تىلغا قىلىنغان ھاقارەت شۇ خەلقنىڭ قەلبىگە ۋە مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن ھاقارەت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ، ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن بولغان كۈرەش ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە خەلقپەرۋەرلىكنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ ، ھەرگىز ئانا تىلغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان ئىش قىلما ، ئۇيغۇر تىلى ھەرگىزمۇ دۇنيادىكى ئىلغار مەدەنىيەتلىرىدىن كەينىدە قالىدىغان تىل ئەمەس پىفاگور شۇنداق دېگەن ئىكەن ، بىر مىللەتكە تەۋە بولغان ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ قەدىرلەشكە تېگىشلىك نەرسىنىڭ تىلى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىڭدە ، ئاندىن ئۆزۈڭنى بىلەلەيسەن ، تىلنى يوقاتقان مىللەت مەدەنىيىتىنىمۇ ، ئاخىرى ئۆزىنىمۇ يوقىتىدۇ.