تېما ئېتىبارىدىن ئېيتقاندا، «ئانا يۇرت» تىرىلوگىيەسى بىزنىڭ «تىنچ دون». بەلكى ئۆزىمىزنىڭ تارىخى، ئۆزىمىزنىڭ گاڭگىراشلىرى، ئۆزىمىزنىڭ كۈرەشلىرى ساپ ئۆز تىلىمىزدا ئەكس ئەتكەنلىكى سەۋەبلىك، «ئانا يۇرت» رومانى بىز ئۈچۈن «تىنچ دون»دىنمۇ قىممەتلىك. ئېھتىمال، بەزىلەر «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ بەدىئىي پەللىسىنى «تىنچ دون»غا يەتمەيدۇ، دەپ قارايدىغاندۇ. مېنىڭچە، بۇنداق قاراش يۈزەكى سېلىشتۇرمىدىن كەلگەن. بىر مىللەتنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى نوقۇل ھالدا بەدىئىي نەتىجىلەرنىڭ ئۆزى ئارقىلىق ئىزاھلاش مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ. بىر مىللەت ئۆزىنىڭ مىللىي خاراكتېرى ۋە ئېستېتىك قاتلىمىنى ئەدەبىيات - سەنئەت ئارقىلىق كۆرسىتەلىسىمۇ، لېكىن بۇ ھەگىزمۇ مىللىي قەدرىيەتنى نامايان قىلىش بىلەن باراۋەر ئەمەس. مىللىي قەدرىيەت ئەدەبىيات - سەنئەتتە ئەكس ئېتىدىغان، ئەمما ئەدەبىيات - سەنئەتتىن ھالقىغان ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ساھەلەردە ئىشقا ئاشىدىغان جەريان.
— ئابدۇقادىر جالالىدىن: «تارىختىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن»