3.000 lira üzeri kitap alıcılarına Türkiye içi ücretsiz kargo كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ 3.000 lira üzeri kitap alıcılarına Türkiye içi ücretsiz kargo كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ 3.000 lira üzeri kitap alıcılarına Türkiye içi ücretsiz kargo كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ 3.000 lira üzeri kitap alıcılarına Türkiye içi ücretsiz kargo كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
Teslimat Bölge Seçin

Büyük Türkistan'ın Trajedisi

Büyük Türkistan'ın Trajedisi

WHATSAPP İLE SİPARİŞ VER
Hızlı Gönderi
Güvenli Alışveriş
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە تۈرلۈك ئەسلىمىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا مەلۇم ساندا ئېلان قىلىندى.
ئەلۋەتتە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بۇ دەۋر ھەققىدىكى قول يازما ئەسلىمىلىرىمۇ بار بولۇپ، بۇلار تېخى رەسمىي نەشىر قىلىنىش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى.
يېقىندا 30 - يىللاردا قەشقەردە يۈز بەرگەن مىللىي ئازادلىق قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىۋاسىتە قاتناشقان ھەمدە كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېتىپ، شۇ يەردە ياشاپ ۋاپات بولغان مۇسا تۈركىستانىنىڭ "تۈركىستان پاجىئەسى" ماۋزۇلۇق كىتابى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
بۇ كىتابنىڭ ئاساسىي قىسىمى ئەينى ۋاقىتتا قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە بېغىشلانغان بولۇپ، ھىلال ئەخمەر جەمىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇسا ئەپەندى قەشقەر ۋەقەلىرىنىڭ مۇھىم شاھىدلىرىدىن بىرىدۇر.

30 - يىللاردىكى قەشقەر سىياسىي توقۇنۇشلار نۇقتىسى ئىدى
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلى كەڭ كۆلەملىك خەلق قوزغىلاڭلىرى بىلەن تولغان، مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى زىددىيەتلەر ئەۋجىگە چىققان بىر دەۋرگە دۇچ كەلدى.
1931 - يىلى 2 - ئايدا خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدىكى قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ پارتلىشى، بىر مەيدان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ پەردىسىنى ئاچقان بولۇپ، قۇمۇل تاغلىرىدا يانغان بۇ يالقۇن تېز ئارىدا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى جۈملىدىن تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغا تۇتۇشۇپ، جىن شۇرېننىڭ مىلىتارىستلار ھاكىمىيىتىنىڭ يوقىتىلىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ بەرپا بولۇشىدەك سىياسىي ۋەزىيەتنى ياراتتى.
ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى شۇنىڭدەك تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ھېسابلانغان قەشقەر مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسلىق مەركىزى سۈپىتىدە بارلىق قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ تالىشىدىغان مۇھىم سىياسىي سەھنىسىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر شەھەردە ئەنگىلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىلىرىنىڭ ۋە شىۋېتسىيە، ئافغانىستان قاتارلىق ئەللەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنىڭ ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى تۈپەيلىدىن قەشقەرنىڭ خەلقئارالىق تەسىرى ۋە ئورنىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئاشقان، بۇ يەردە ئىچكى كۈچلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى تاشقى كۈچلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىمۇ ئۆزارا ئۇچراشقان ھەم توقۇنۇشقان ئىدى.

ئۇنداقتا، قۇمۇل تاغلىرىدىن چىققان يانغىن قەشقەرگە تۇتاشقان ئەشۇ ئاي، ئەشۇ كۈنلەردە بۇ يەردە قانداق ۋەقەلەر يۈز بەردى؟ مەزكۇر سوئاللارغا ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان كۆپلىگەن ئەسلىمىلەر جاۋاب بېرىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئەشۇ ۋەقەلەرنىڭ شاھىدلىرىدىن بىرى، 1934 - يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شېڭ شىسەينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قېچىپ بېرىپ پاناھلىنىپ، شۇ يەردە ۋاپات بولغان مۇسا ئەپەندىنىڭ 80 - يىللاردا سەئۇدى ئەرەبىستاندا يېزىپ قول يازما سۈپىتىدە ئېلان قىلغان، يېقىندا ئىستانبۇلدىكى سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشىرىياتى تەرىپىدىن قايتىدىن نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان " تۈركىستان پاجىئەسى" ناملىق ئەسلىمىسى تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىدۇ.

ئەسەرنىڭ مەزمۇنلىرى
مۇسا ئەپەندى يەنى كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇسا تۈركىستانى دەپ نام ئالغان بۇ زاتنىڭ مەزكۇر كىتابى 240 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئەسەرنى مەزمۇن دائىرىسى بويىچە ئۈچ بۆلەككە بۆلۈش مۇمكىن. بىرىنچى بۆلىكىدە ئاپتور ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ بۇ ئەسلىمىسىنى يېزىشتىكى مەقسىتى ۋە ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ئىككىنچى بۆلىكى 19 - ئەسىردىكى ياقۇپ بەگ ھاكىمىيىتىدىن تارتىپ، تاكى 1934 - يىلى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مەغلۇپ بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ئاستىدا پۈتۈن ئۆلكە مىقياسىدا شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىشىگىچە بولغان ئۇزۇن بىر جەريانغا بېغىشلانغان. ئەلۋەتتە، بۇ بۆلەكنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى 30 - يىللاردا قەشقەردە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ ۋەقەلىرىنى تەپسىلىي ئەكىس ئەتتۈرۈشكە قارىتىلغان.
ئەسەرنىڭ ئاخىرقى ئاز بىر قىسىمى قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىن كېيىنكى ئەھۋاللار، جۈملىدىن بېغىشلىمىلارغا ئاجرىتىلغان.

ئۆزبېك پىدائىيلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ
مۇسا تۈركىستانىنىڭ "تۈركىستان پاجىئەسى" ناملىق كىتابىنىڭ ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، ئۇ ئۆزى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەرغانىدىن قەشقەرگە كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشقان ئۆزبېكلەردىن بولغاچقا، قەشقەردىكى قوزغىلاڭغا قاتناشقان ئۆزبېك مۇھاجىرلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەم ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ياخشى بىلگەن. ئۇ، كىتابىدا سابىت داموللام قاتارلىق ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن بىر سەپتە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ئۆزبېكلەردىن سېتىۋالدىجان، يۈسۈپجان قۇربېشى، سوپىزادە، زېرىپ قارى ھاجى قاتارلىق نەچچە ئونلىغان ئاتاقلىق ئۆزبېك تارىخىي شەخىسلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. بۇ ئەسەر 30 - يىللاردا قەشقەردە ھەرىكەت قىلغان مەشھۇر ئۆزبېك پولكىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئاخىرقى تەقدىرىنى چۈشىنىشتىمۇ مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئاپتور يەنە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى - تاشقى خىزمەتلىرى، ھىلال ئەخمەر جەمىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرى، ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن تۇڭگانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، قوزغىلاڭچىلار ئارىسىدىكى ئىچكى مۇناسىۋەتلەر ھەم زىددىيەتلەر جۈملىدىن ئىستىقلال جەمئيىتىنىڭ ئېلىپ بارغان بىر قاتار پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلار بېرىدۇ.
ئەسەر ئۇيغۇر - ئۆزبەك ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن چۈشىنىشلىك بولغان 30 - يىللاردىكى ئەدەبىي تىلدا يېزىپ چىقىلغان بولۇپ، يېڭى نەشرى ئەسلى نۇسخىسىنى ساقلاپ قالغان.
YazarMusa Türkistan
Sayfa adedi270
Çevirenİslam Tekin
DiliUygurca
RenkRenksiz
Ebadı- 32 Kesim
Kapakyumuşak
Yayın Tarihi2008
YayıneviSatuk Bugrahan Neşriyatı
Bu kitapları da inceleyin
Sana nasıl yardımcı olabiliriz?
Son Gezilenler
Yükleniyor...