رەسىمدىكى بۇ (قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما) غا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى تارىخىغا قەدىمقى ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار بولغان بىر قەدەر مۇھىمراق يازما يادىكارلىقلار تاللاپ كىرگۈزۈلدى . بۇ كىتابنى نەشر قىلىشتىن مەقسەت تارىخ ، تىل ، ئەدەبىيات ، پەلسەپە ، دىن ۋە باشقا پەن ساھەلىرىنى تەتقىق قىلغان خادىملارنى ئۆز تەتقىقاتىدا پايدىلىنىشى ئۈچۈن بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت . شۇڭا بۇ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن يازما ، يادىكارلىقلار ئەينى بويىچە ئېلىندى