3.000 lira üzeri kitap alıcılarına Türkiye içi ücretsiz kargo كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ 3.000 lira üzeri kitap alıcılarına Türkiye içi ücretsiz kargo كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ 3.000 lira üzeri kitap alıcılarına Türkiye içi ücretsiz kargo كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ 3.000 lira üzeri kitap alıcılarına Türkiye içi ücretsiz kargo كىتاب سېتىۋېلىشتا مەسىلىگە يۇلۇققاندا ياكى تور بېكىتىمىزدە يوق كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىشتا، بۇ يەرنى بېسىپ بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ
Teslimat Bölge Seçin

Ewlat Kitap İnternet Sitesi Hakkında


ئەۋلاد كىتاب بازىرى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىتابخۇمار دوستلارنىڭ كىتاب سېتىۋېلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئەۋلاد كىتاب بازىرى قۇرۇلۇپ رەسمىي ئىش باشلىدى. بۇ تور بازىرى ئارقىلىق ھەرقايسى نەشرىيات ۋە كىتابخانىلاردا سېتىلىۋاتقان ئۈچ مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە كىتاب - ژۇرناللارنى سېتىۋالالايسىز. بۇ كىتابلار ئەدەبىيات، تارىخ، سىياسەت، پەلسەپە، پەن-تېخنىكا، تىل-يېزىق، سەنئەت، دىن، مەدەنىيەت قاتارلىق كەڭ دائىرىدىكى تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەۋلاد كىتاب بازىرى ھەرۋاقىت خىزمىتىڭىزدە، سىز قاچان خالىسىڭىز شۇ چاغدا كىتاب سېتىۋالالايسىز.

ئەۋلاد كىتاب بازىرى ئارقىلىق يېڭى چىققان كىتابلاردىن ۋە ھەر خىل ئېتىبار پائالىيەتلەردىن دەل ۋاقتىدا خەۋەردار بولالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئەۋلاد كىتاب بازىرىنىڭ ئەزاسى بولۇپ تىزىملىتىپ، ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىزنى تەمىنلىسىڭىزلا كۇپايە. بىز قەرەللىك ھالدا يېڭى چىققان كىتابلار، ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەرلەر ۋە باھا چۈشۈرۈش پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى سىزگە يوللاپ تۇرىمىز. بۇنىڭدىن سىرت، سىز ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان يازغۇچى، نەشرىيات ياكى تېمىلارغا ئائىت يېڭى نەشر قىلىنغان كىتابلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز.

ئەۋلاد كىتاب بازىرى يوقىتىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىدىغان بولۇپ، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا نەشر قىلىنغان كىتابلارنىڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۇچرىشىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، يازغۇچىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت روھىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، كىتاب بازىرى ئارقىلىق كىرگەن كىرىم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر بۇ جەرياندا نەشر ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەر بايقالسا ئاپتور ۋە نەشرىياتلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى سورايمىز.

Sana nasıl yardımcı olabiliriz?
Yükleniyor...